تەۋرات 16-قىسىم
«نەھەمىيا»نىڭ تەپسىرى
كىرىش سۆز
ئارقا كۆرۈنۈشى
مەزكۇر كىتاب «ئەزرا» دېگەن كىتاب بىلەن ئوخشاش دەۋرگە باغلانغان بولۇپ، «ئەزرا»دىكى «كىرىش سۆز» مۇشۇ كىتابقا كىرىش سۆز بولالايدۇ. «ئەزرا»نىڭ كىرىش سۆزىدە دېيىلگىنىگە ئوخشاش، تەۋراتنىڭ «نەھەمىيا» دېگەن قىسمىمۇ قىسقا بىر مەزگىللىك تارىخ توغرۇلۇق يېزىلغان. بۇ ۋاقىت تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 445-430 يىللار ئىدى؛ سۈرگۈنلۈككە ئېلىپ كېتىلگەن ئىسرائىللارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرنەچچە مىڭى بابىلدىكى بىرقەدەر راھەتلىك تۇرمۇشنى تاشلاپ، پەلەستىندە جاپا-مۇشەققەتلىك يېڭى تۇرمۇشنى باشلاشقا يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەنىدى. ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليون يەھۇدىي خەلقى بابىل ۋە پارستا قالغىنى بىلەن، قايتقانلارنىڭ سانى ئاز ئىدى. «قايتىش»لار ئۈچ قېتىم بولغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك؛ ــ
1-قايتىش: ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 537-يىلى، زەرۇببابەل يېتەكلىگەن، تەخمىنەن 50000 ئادەم
2-قايتىش: ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 458-يىلى، ئەزرا يېتەكلىگەن، تەخمىنەن 1800 ئادەم
3-قايتىش: ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 445-444-يىلى، نەھەمىيا يېتەكلىگەن؛ پەقەت بىرنەچچە ھۈنەرۋەنلەرلا ئىدى.
«نەھەمىيا» دېگەن كىتاب ئۈچىنچى «قايتىش» جەريانى ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىسى بولغان نەھەمىيا توغرۇلۇق خاتىرىدۇر. كىتابتا يەنە ئىلگىرىكى «قايتىش»لار توغرۇلۇق بىرنەچچە تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنىدۇ.
نەھەمىيا ئۆز كىتابىنىڭ بېشىدا (11:1) بىزگە «مەن پادىشاھنىڭ ساقىيسى ئىدىم» دەيدۇ. ئىمپېراتور (پادىشاھ) ئارتاخشاشتا (ياكى «ئارتاكسەركسىس») بولسا، ئەستەر خانىشنىڭ ئۆگەي ئوغلى ئىدى ۋە شۈبھىسىزكى، ئۇ شۇ ئىخلاسمەن ۋە ئۇلۇغ ئۆگەي ئانىسىدىن تەسىرلەنگەنىدى (ئەستەر ئارتاخشاشتانىڭ ئاتىسى كسەركسىسنىڭ كېيىنكى خانىشى ئىدى). نەھەمىيا ئەستەرنىڭ تەسىرى بىلەن شۇ ياخشى خىزمەتنى تاپقان بولۇشى مۇمكىن. ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى، «ساقىي»نىڭ خىزمىتى پەقەت پادىشاھقا شاراب تۇتۇپ بېرىپلا قالماي، بەلكى شۇ شاراب زەھەرلەنمىگەنلىكىنى تەستىقلاش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنى تېتىپ بېقىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇنداق مەسئۇلىيەت بىلەن ھەركۈننىڭ كۆپ ۋاقىتلىرىدا پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرۇشى كېرەك ئىدى؛ شۇڭا ساقىيلار قابىلىيەتلىك ئادەم بولسا، دائىم پادىشاھلارنىڭ مۇھىم مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالاتتى. ئارتاخشاشتا ئىنتايىن باي پادىشاھ بولۇپ، نەھەمىيامۇ پادىشاھنىڭ يېنىدا خىزمەتتە بولغاچقا، شۈبھىسىزكى ئۇمۇ باي بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
مەزكۇر كىتابتىن بىز نەھەمىيانىڭ ھەم خۇشخۇي ھەم دۇئاغا بېرىلگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى تېزلا بايقايمىز. نەھەمىيانىڭ كۆڭلى ئېغىرلاشقاندا پادىشاھ بۇ ھالىتىنى دەرھال بايقىدى (1:2). ئۇ شاد-خۇراملىقنىڭ مەنبەسى ۋە سىرىنى ئۇ بىزگە كېيىن ئايان قىلىدۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ شاد-خۇراملىقى سىلەرنىڭ كۈچۈڭلاردۇر» (10:8).
مۇشۇ قېتىمقى قايغۇسىنىڭ سەۋەبى ئۆزىگە: «سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلغان خەلقنىڭ قالدىسى يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە قاتتىق جاپا-مۇشەققەت تارتتى، ئاھانەت ئىچىدە قالدى. يېرۇسالېمنىڭ سېپىلى بولسا ئۆرۈۋېتىلدى، قوۋۇقلىرىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىلدى» دەپ يەتكۈزۈلگەن خەۋەر ئىدى. شۇنى ئاڭلاپ ئۇ ئۆز خەلقى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ دۇئا-تىلەۋەتلەرگە بېرىلدى.
بۇ دەۋردىكى تارىخلاردا (مەسىلەن، «ئەستەر»، «ئەزرا» ۋە «نەھەمىيا»دا) بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، كۆرۈنەرلىك مۆجىزىلەر (مەسىلەن، ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا دېڭىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۆلۈنگەندەك) يوق دېيەرلىك ئىدى. ھالبۇكى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىز روشەنكى، خۇدانىڭ داۋراڭسىز ئىش كۆرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۆز خەلقىنىڭ قەلبلىرىدە ھەم ھەتتا ئۆزىنى تونۇمايدىغانلارنىڭ قەلبلىرىدىمۇ ئۈنسىز ھەم ئاجايىب ھالدا ئىشلەيدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئارتاخشاشتا پادىشاھ (بۇتپەرەسلىككە ئەگەشكەن پادىشاھ بولۇشى مۇمكىن ئىدى) نەھەمىيانىڭ قايغۇسىنى كۆرۈپ سەۋەبىنى ئۇققاندىن كېيىن نەھەمىيادىن: «نېمە تەلىپىڭ بار؟» دەپ سورىغانلىقىغا ئىنتايىن ھەيران قالىمىز. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئۇ نەھەمىيانىڭ تەلىپىنى تولۇق ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئانا يۇرتىغا قايتىپ، ئاڭلىغان شۇ كۈلپەتنى تۈگىتىشكە كېرەك بولغان مەبلەغ ۋە ھوقۇقنى بەردى. نەھەمىيا كېيىن ئۆزىنى «ۋالىي» دەپ كۆرسىتىدۇ؛ (65:7) شۇڭا روشەنكى، پادىشاھ ئەسلىدە ئۇنى شۇ مەنسەپكە بېكىتىپ قايتۇرغانىدى. نەھەمىيانىڭ بىزگە شۇ خەۋەرنى بىۋاسىتە ئېيتمىغانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنىڭ ئېنىق بىر ئىپادىسىدۇر.
شۇنىڭ بىلەن شۇ ئىخلاسمەن ۋە مۇنەۋۋەر كىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇش ئىشى باشلاندى ۋە دۈشمەنلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى ۋە ئەتراپىدىكى بۇتپەرەس ئەللەرنىڭ قەستلىشىگە قارىماي پەقەت 52 كۈن ئىچىدە تۈگىتىلدى. «سېپىللارنىڭ يېڭىۋاشتىن قۇرۇلۇشى»نىڭ مۇھىملىقى توغرۇلۇق بىز يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.
«نەھەمىيا» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «پەرۋەردىگارنىڭ تەسەللىسى»دۇر. نەھەمىيانىڭ ئۆز خەلقىگە بەرگەن تەسەللىسى سېپىل قۇرۇلۇشى بىلەن توختىغان ئەمەس. خۇددى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋالىي بولغان ئەزرادەك، ئۇنىڭ چوڭقۇر ئارزۇسى شۇ ئىدىكى، خەلقنىڭ خۇدا بىلەن يېقىن، دۇرۇس ئالاقىدە ياشىشى، مۇشۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ بەخت-بەرىكەتتىن مۇيەسسەر بولۇشى ھەم خۇدانىڭ شان-شەرىپى بۇ ئىشلاردا ئايان بولۇشىدىن ئىبارەت ئىدى. ئەزرانىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ خەلقنى بىر ئىبادەت سورۇنىغا يىغدۇرىدۇ ۋە تەۋرات مۇقەددەس قانۇنىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوقۇتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جامائەت ھەقىقىي ۋە چوڭقۇر توۋاغا كىرىشىدۇ (8-10-باب).
شۇنىڭ بىلەن نەھەمىيا خۇدانىڭ قورالى بولۇپ، يەھۇدىي خەلقىنى، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيانى پۈتكۈل تارىخنىڭ مەركىزى بولغان مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە تەييار بولۇشقا بىر قەدەم يېقىنلاشتۇردى. شۇ ئىشتا ئۇ ئەزرادەك ئىدى (بۇ جەريان توغرۇلۇق بىز «ئەزرا»دىكى «كىرىش سۆز» ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز).
«نەھەمىيا» دېگەن قىسىمنى كىم يازغان»؟
«ئەزرا»دىكى «كىرىش سۆز» ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختالغىنىمىزدەك، «ئەزرا» ۋە «نەھەمىيا»نىڭ مۇئەللىپى ئەزرانىڭ ئۆزى ئىدى. ھالبۇكى، «نەھەمىيا»نىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە نەھەمىيانىڭ دۇئالىرى ياكى ئۆزىنىڭ ھېسسىياتلىرى ستىخىيىلىك ھالدا ئۇرغۇپ چىققان بولغاچقا، نەھەمىيا ئۆزى مەزكۇر كىتابنىڭ كۆپ قىسىملىرىنى يازغان، ئاندىن ئەزرا ئورىگىنالنى كۆرۈپ، تەھرىرلەپ مۇھەررىر رولىدا تۈزەتكەن، دەپ قارايمىز.
مەزمۇن: ــ
2-1-باب: ــ سۈرگۈنلۈكتىن ئۈچىنچى «قايتىش»
قايغۇلۇق خەۋەر (1-باب)
مەخپىي چارلاپ تەكشۈرۈش (2-باب)
7-3-باب: ــ يېڭىۋاشتىن قۇرۇلۇش
مۇداپىئە قۇرۇش (3-باب)
جاپا-مۇشەققەتكە دۇچ كېلىش (4-6-باب)
سىرتقى قارشىلىق
ئىچكى زۇلۇم
«قايتقان» باتۇرلارنىڭ تىزىملىكى (7-باب)
10-8-باب: ــ يېڭىلىنىش، توۋا قىلىش
تەۋراتنىڭ ئېچىلىشى (8-باب)
گۇناھلارنى تونۇپ يېتىش (9-باب)
قەسەم ئېيتىش، قايتىدىن ئەھدىگە باغلىنىش (10-باب)
13-11-باب: ــ ئىسلاھات
يېرۇسالېمدا تۇرۇشقا ئۆزلىرىنى پىدا قىلغانلار (11-باب)
خەلق ئۆزلىرىنى، سېپىلنى خۇداغا ئاتاپ بېغىشلاش (12-باب)
روھىي تۈزىتىشلەر (13-باب)
(ئا) ناتوغرا نىكاھلار بىلەن بۇلغىنىش ــ ئىسلاھات
(ئە) ئىئانە-ئۆشرە قىلماسلىق ــ ئىسلاھات
(پ) شابات كۈنىنى بۇلغاش ــ ئىسلاھات
(ب) ۋەزىپىلەردىن ۋاز كېچىش ــ ئىسلاھات
••••••••
قوشۇمچە سۆز
ئادەتتىكىگە ئوخشاش، بىز كىتابنىڭ بارلىق ئايەتلىرى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى بىر-ئىككى ئالاھىدە قىزىق نۇقتا ئۈستىدە ياكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىرنەچچە سوئاللار ئۈستىدە توختىلىمىز.
دۇئا توغرۇلۇق ساۋاتلار
مەزكۇر قىسقا كىتاب ئارقىلىق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش توغرۇلۇق بىرنەچچە مۇھىم ئىشلارنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇلاردىن بىرى نەھەمىيانىڭ ئۆزىنىڭ دۇئا قىلىش ئادەتلىرىنى تەپسىلىي كۆزىتىشتىن چىقىدۇ. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئەخلاقىي ۋە روھىي چۈشكۈنلۈكىدىن، شۇنداقلا بىچارە ھالىتىدىن ئىنتايىن ئېچىنىپ، كۆزىگە ياش ئالىدۇ (4:1). مانا بۇ ھەممىگە قادىردىن جاۋابلارغا ئېرىشىدىغان دۇئالارنىڭ مەنبەسى ۋە سىرىدۇر. بۇ باشقىلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشتۇر.
يەنە بىرى ئۇنىڭ 4:2-5دە خاتىرىلەنگەن دۇئاسىدىن كېلىدۇ. بەزى ئالىملار بۇ دۇئانى ئۇنىڭ «ئوق دۇئاسى» دەپ ئاتايدۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «نېمە تەلىپىڭ بار؟» دەپ سورىشى بىلەنلا ئۇ: «مەن ئاسماندىكى خۇداغا دۇئا قىلىپ،... (ئاندىن) پادىشاھقا ... سۆز قىلدىم» دەيدۇ.
بۇ دۇئا توغرۇلۇق تۆۋەندىكىلەرنى بايقايمىز: ــ
(ئا) بۇ دۇئا ئۈنلۈك ئوقۇلغان ئەمەس ئىدى؛
(ئە) ئۇ دۇئانى كۆزىنى يۇمماي، كۆزى ئوچۇق ھالدا دۇئا قىلىدۇ (بەزىلەر «دۇئا قىلغاندا كۆزۈمنى يۇمۇشۇم كېرەك، دەپ ئويلايدۇ)؛
(ب) دۇئانى خىزمەت ئۈستىدە قىلغان؛
(پ) ئۇنىڭ دۇئاسى ئۆزى بىلمەيدىغان تىلدا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئانا تىلدا بولغان بولسا كېرەك؛
(ت) مەلۇم يۆنىلىشكە قاراپ، ياكى مەلۇم «مۇقەددەس جاي»دا ياكى ئادەمنىڭ تېنى ئالاھىدە بىر ھالەتتە (مەسىلەن، يۇيۇلغان، ئالاھىدە كىيىم-كېچەك كىيگەن ھالەتتە) ئوقۇلغان ئەمەس ئىدى.
(چ) دۇئا ناھايىتى قىسقا ۋە پەقەت كۆڭلىدىلا قىلىنغان؛
(ج) بۇ دۇئانى خۇدا قوبۇل قىلدى ۋە جاۋاب بەردى.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بىزگە ئۆگەتكىنىدەك، دۇئالارنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئىجابەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇزۇن يا كۆپ قېتىم قايتلىنىشى زۆرۈر بولمايدۇ: ــ «دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، بۇتپەرەس يات ئەللىكلەردىكىدەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. چۈنكى ئۇلار دېگەنلىرىمىز كۆپ بولسا خۇدا تىلىگىنىمىزنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ» («مات.» 7:6). خۇدا ئادەمنىڭ چىن كۆڭلىدىن قىلىنغان دۇئاسىغىلا قارايدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمىگە قارىغان ئەمەس؛ دېمەك، شەكىل ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ مۇھىم ئەمەستۇر.
نەھەمىيانىڭ خاراكتېرى
بىز يۇقىرىدا نەھەمىيانىڭ: ــ
(ئا) شاد-خۇراملىققا تولغان كىشى؛
(ئە) دۇئا-تىلاۋەتكە بېرىلگەن كىشى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بىز يەنى ئۇ توغرىسىدا تۆۋەندىكى ئىشلارنى بايقايمىز: ــ
(ب) ئۇ ئىنساندىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىنلا قورقىدىغان، جۈرئەتلىك ئادەم ئىدى (5:6-9، 10-14)؛
(پ) ئۇ كەمتەر ئادەم ئىدى (مەسىلەن، ئۇ پادىشاھ تەرىپىدىن ۋالىي دەپ تىكلەنگەنلىكىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمايدۇ؛ سېپىل قۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ئۇ: «بۇ قۇرۇلۇشنى خۇدايىمىز ئۆزى ئېلىپ بارغان ئىش» دەيدۇ (16:6)؛
(ت) كۆيۈمچان ئادەم ئىدى (قەرزلەرگە بوغۇلغانلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، 1:5-13)؛
(چ) ئۇ سېخىي، كۆكسى-قارنى كەڭ ئادەم ئىدى («ۋالىيلىق نان» خىراجىتىنى خەلقتىن ئالمايتتى؛ ئۆيىدىكىلەر ۋە ھەر كۈنى تەرەپ-تەرەپتىن يېنىغا كېلىدىغان بارلىق مېھمانلىرىغا كېتىدىغان چىقىملارنىمۇ ئۆز يېنىدىن چىقىراتتى. 1:5-13نى كۆرۈڭ. ئۇ ئارتاخشاشتانىڭ يېنىدا ئىشلىگەن ۋاقتىدا خېلىلا پۇللۇق بولۇپ قالغانىدى)؛
(ج) ئۇ ئەمەلىي ئادەم، ھەقىقىي يېتەكچى ئىدى؛ رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان، تەۋەككۈل قىلىشتىن قورقمايدىغان ئادەم ئىدى. ھەممە ئىشلاردا ئۆزى باشلامچى بولاتتى (23:4)؛ ئادەم كۈچىگە ھاجىتى چۈشكەندە ئۇ ئاۋۋال ئۆز ئادەملىرىنى ئالدىغا قوياتتى (19:13).
خۇدا مۇشۇ كۈنلەردە ئۆز جامائىتىدە شۇنداق ئادەملەرنى بىزگە ئاتا قىلغاي!
يېرۇسالېم قانداقسىگە شۇنداق خارابە بولۇپ كەتتى؟ سېپىلنى قايتىدىن قۇرۇش نېمىشقا شۇنچە مۇھىم؟
«يېرۇسالېمنىڭ سېپىلى بولسا ئۆرۈۋېتىلدى، قوۋۇقلىرىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىلدى» (3:1)؛ «شەھەر چوڭ ھەم كەڭرى بولغىنى بىلەن ئاھالە ئاز، ئۆيلەر تېخى سېلىنمىغانىدى» (4:7).
زەرۇببابەلنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا بولغان بىرىنچى «قايتىش»، شۇنداقلا ئىبادەتخانىنىڭ يېڭىۋاشتىن قۇرۇلۇشىدىن توقسان يىل كېيىن، شەھەرنىڭ شۇنداق خارابە ھالەتتە تۇرىۋېرىشى كۆپ ئادەملەرگە ھەيران قالارلىق ئىش بولغان بولۇشى مۇمكىن. مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ پىلانىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇراتتى؛ ئۇنىڭ مۇھىملىقى ھاگاي ۋە زەكەرىيا پەيغەمبەرلەر تەرىپىدىن ئېنىق تەستىقلاندى. لېكىن شەھەرنىڭ ئۆزى نېمە سەۋەبتىن تولۇق قۇرۇلمىدى؟
ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى: ــ
(ئا) خۇدا ئۆز خەلقىگە: «سىلەر يولۇمدا مېڭىپ ماڭا تايانغان بولساڭلار سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن»، دەپ كۆپ قېتىم ۋەدە قىلغان. ئەگەر ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭمىسا، ئۇلارنىڭ ھالى بارغانسېرى بەتتەر بولۇپ كېتەتتى («لاۋ.» 14:26-17، «قانۇن شەرھى» 28-باب). شۇنىڭدەك سۈرگۈنلۈكتىن قايتقانلار ئىبادەتخانىنى قۇرۇشتىن ئېرىشكەن تەجرىبىنى، قازانغان ئىمان-ئېتىقاد ۋە شۇنىڭدەك مۇيەسسەر قىلىنغان بەخت-بەرىكەتلەرنى يەنە تەرك ئەتكەن بولسا، ئۇنداقتا خۇدا ئۇلارنى مەلۇم بىرخىل تەربىيىلىك جازا ئاستىدا قالدۇرۇشى مۇمكىن ئىدى. يېرۇسالېم ئاھالىسى بەك ئاز بولغانلىقى ۋە دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئوچۇق تۇرغان ھالىتى بۇنداق تەربىيە-جازانىڭ بىر قىسمى بولغان بولسا كېرەك.
(ئە) قايتىپ كەلگەن خەلقنىڭ كۆپىنچىسى ئىنتايىن نامرات ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەللەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان قاراقچىلار ۋە بۇلاڭچىلار بار ئىدى («ئەزرا» 31:8). ئۇنداق ئەھۋالدا خەلقلەر يېرۇسالېمدا ئەمەس، بەلكى كىچىكرەك شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىشنى خالايتتى؛ ئۇنداق شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىغا سېپىل ياساش يېرۇسالېمدىكى چوڭ سېپىلنى ياساشتىن كۆپ ئاسان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۇرغۇن كىچىك شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلار يېرۇسالېمنىڭكىگە نىسبەتەن مۇنبەترەك ئىدى.
يېرۇسالېمدىكى ئەھۋالنىڭ دەرۋەقە شۇنداق ئىكەنلىكى مەزكۇر كىتابنىڭ 11-بابىدا روشەن كۆرۈنىدۇ. يېرۇسالېمغا ئىختىيارەن ماكانلاشماقچى بولغانلار قالغان خەلق تەرىپىدىن تولىمۇ تەرىپلىنىدۇ. ھازىرقى زامانلاردا كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ پايتەختىدە ئىنتايىن تۇرغۇسى بار، لېكىن شۇ دەۋردە پايتەخت يېرۇسالېمغا قايتىش خەتەرلىك ھەم مۇشەققەتلىك ئەھۋالغا چۈشۈشكە باراۋەر ئىدى.
(ب) يېرۇسالېم سېپىلىدەك شۇنچە چوڭ قۇرۇلۇش ئۈچۈن كۆپ كىشىلەر بىرلىشىشى، ھەمكارلىشىشى كېرەك ئىدى؛ ئىمان-ئېتىقاد سۇس بولسا ئۇنداق بىرلىشىش، ھەمكارلىشىش مۇمكىن بولمايتتى.
(پ) يېرۇسالېم سېپىلىنىڭ ۋە قوۋۇقلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى نەھەمىيا كېلىشىدىن بۇرۇنلا بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن نەتىجە 3:1دە تەسۋىرلەنگەندەك ئىدى: ــ «يېرۇسالېمنىڭ سېپىلى بولسا ئۆرۈۋېتىلدى، قوۋۇقلىرىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىلدى». بۇنداق ئەھۋال دۈشمەنلەرنىڭ بۇلاڭ-تالاڭچىلىق مەقسىتى بىلەن ھۇجۇملىرىنىڭ نەتىجىسى بولاتتى. ئەتراپىدا سېپىلى بولمىسا، كىم يېرۇسالېمدا تۇرۇشنى خالايتتى؟
بۇ تەرەپتە ئىسرائىل خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئاھانەت ۋە مازاق ئوبيېكتى بولۇپ قالغانىدى؛ خۇدانىڭ خەلقىنىڭ پايتەختى يوقتۇر! ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزى، ئىبادەتخانىغا يانداش قەلئە، «داۋۇتنىڭ شەھىرى» قاتارلىق مۇستەھكەم كىچىك جايلار ۋە بىرنەچچە مۇداپىئەلىك مۇنارلادىن باشقا، شەھەرنىڭ مۇداپىئەسى يوق ئىدى (8:2، 1:3، 11، 15، 19، 25، 2:7، 37:12-39).
شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ پىلانىدا سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشى مۇھىم بىر باسقۇچ بولۇپ، مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن بىرخىل تەييارلىق ئىدى. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يەھيا پەيغەمبەر كېلىپ مەسىھنىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغۇچە بولغان تۆت يۈز ئەللىك يىلدا خۇدا مالاكى پەيغەمبەرنىڭ بېشارىتىدىن باشقا (تەۋرات، «مالاكى») ئۆز خەلقىگە بېشارەت بەرمەي، جىمجىت بولۇۋالىدۇ. ھالبۇكى، «يېرۇسالېم ۋە سېپىلنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يارلىق» چۈشۈرۈلگەندىن باشلاپ خۇدانىڭ «بېشارەتلىك سائىتى» مەسىھنىڭ كېلىشىنىڭ ۋاقتى-سائىتىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنى چىكىلداپ ساناپ بېرەلەيتتى: ــ
«شۇنى بىلىشىڭ ۋە چۈشىنىشىڭ كېرەككى، يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش بۇيرۇقى جاكارلانغاندىن تارتىپ، مەسىھ دېگەن ئەمىر مەيدانغا چىققۇچە يەتتە ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» ئۆتىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى يېڭىباشتىن بىنا قىلىنىپ، مەيدان-كوچىلار ۋە سېپىل-ئىستىھكام بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، ئەمما بۇ بىسەرەمجان كۈنلەردە بولىدۇ» («دان.» 25:9).
«دانىيال»دىكى ئىزاھاتلاردا ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز بۇ ئاجايىب بېشارەت ئۈستىدە توختالدۇق. خۇدانىڭ خەلقى بۇ بېشارەتنىڭ مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى كۈتكۈنىدە، دانىيال پەيغەمبەرنىڭ باشقا بېشارەتلىرى، بولۇپمۇ «دانىيال» 11-بابتىكى بېشارەتلەر ئاشۇ تۆت يۈز «جىمجىتلىق» يىللاردا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى.
ئەزرا بىلەن نەھەمىيادىن ئىبارەت بۇ ئىككى زاتنىڭ مۇناسىۋىتى
تەۋراتشۇناس بولغان كاھىن ئەزرا نەھەمىيادىن ئاۋۋال قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئىبادەتخانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىبادەتتە، خالايىقنىڭ تەۋرات قانۇنىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە نىكاھ جەھەتتىكى ئىسلاھاتلارغا تۈرتكە ۋە ئىلھام بولغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن نەھەمىيانىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى ئاۋۋال يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى قايتا قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ئىشلارنىڭ تەرتىپى خۇدانىڭ ئۆز ئائىلىسىنى ئىدارە قىلىشىدىكى روھىي تەرتىپتە مۇتلەق توغرىدۇر ــ «ئاۋۋال ئىچىدىكى ئىشلار، ئاندىن سىرتتىكى ئىشلار» دېگەن تەرتىپ بەك مۇھىم روھىي پرىنسىپتۇر. كېيىن، مەزكۇر كىتابتا نەھەمىيا بىلەن ئەزرانىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەنلىكىنى كۆرىمىز؛ بۇ ئىش ئۇلارنىڭ تۈپ مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ھەزرىتى ئەزرا ئەسلىدە بىر تەرەپ قىلغان («ئەزرا» 9-10-باب) «بۇتپەرەس قىز-ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىش»، شۇنداقلا «يات ئەللىكلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن بۇلغىنىش» دېگەن مەسىلىلەر، شۇنداقلا شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا قىلمىشلار نەھەمىيانىڭ كۈنلىرىدە يەنە پەيدا بولغانلىقى ئوقۇرمەنلەرگە بەلكىم سەل ھەيران قالارلىق تۇيۇلۇشى مۇمكىن («نەھەمىيا» 5- ۋە 13-بابلارنى كۆرۈڭ). ئەزرا خەلقنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىمەمتى؟ ئۇ مۇشۇ ئىشلار ئالدىدا سۈكۈت قىلىپ تۇردىمۇ؟ ئۇ نەدە ئىدى؟ بىز ئۇنىڭ بۇنداق قىلمىشلارغا كارى بولمىغىنىغا ئىشەنمەيمىز. مۇقەددەس يازمىلاردا مەلۇم ئىشلار توغرىسىدا گەپ بولمىسا بىزمۇ ھېچنېمە دېيەلمەيمىز، ئەلۋەتتە، بىراق ئەزرانىڭمۇ نەھەمىياغا ئوخشاشلا ئەسلىدە پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتا تەرىپىدىن ۋالىيلىققا تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋالىيلىق خىزمىتىنى («ئەزرا» 11:7-28) ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى. نەھەمىيامۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى («نەھ.» 6:13).
ئەزرا كېيىن ئىسمى-جىسمىغا لايىق (ئۇنىڭ ئىسمى «ياردەم» دېگەن مەنىدە) نەھەمىياغا ياردەم بېرىشكە يەنە بىر قېتىم پەلەستىنگە كېلىدۇ (1:8نى كۆرۈڭ). ئەمەلىيەتتە ئەزرانىڭ بىرىنچى قېتىمقى كېلىشىدىن «بۇتپەرەسلەر بىلەن نىكاھلىنىش» مەسىلىسى يەنە پەيدا بولغۇچە 28-29 يىل ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن (1:13، 5-6نى كۆرۈڭ). ئارىلىقتا نەھەمىيا پارس پايتەختىگە بېرىپ كەلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ۋە شۇنداقلا ئەزرا يوق بولغان ۋاقىتلاردا ئىمان-ئېتىقادنىڭ شۇنداق سۇسلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقاش ھېچ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس.